تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ بارغانچە كېڭىيىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.07.07
2012.07.07
خەۋەر ئاساسلىقى شۋېتسارىيىلىك ئىككى فوتو سۈرەتچى خوتەندىن توپلىغان فوتو سۈرەتلەرگە ئاساسەن يېزىلغان. خەۋەردە سۈرەتلەر ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: بۇ سۈرەتلەردە شۋېتسارىيىلىك فوتو سۈرەتچىلەر پەيدىن-پەي يوقىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى خاتىرلىگەن.
خەۋەردە يەنە ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر بېسىم سىياسىتى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى، مەزكۇر رايوندا ھەددى - ھېسابسىز تەبىئىي گاز ۋە نېفىتلەرنىڭ بايقىلىشىغا ئەگىشىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن.