خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ بايقىشىچە، پەقەت تۆمۈر چۇققىسىكى 72 - نومۇرلۇق مۇزلۇقنىڭلا 44 يىلدا تۆتتەن بىر قىسمى يوقالغان.
خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەڭرىتاغلىرىدىكى تۆمۈر چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 5986 مېتىر ئىگىزلىكتە. ئۇنىڭ ھەر بىر كۇپ مېتىرىدە 0.397 كۇپمېتىر سۇ ساقلىنىپ تۇرغاچقا، بۇ مۇزلۇقلاردىن نۇرغۇنلىغان ئېقىن ۋە دەريالار ھاسىل بولۇپ تۇرىدۇ.
بۇ تەتقىقاتچىلار دوكلاتىدا، ھازىر قۇمئېرىق دەرياسىنىڭ ئاقسۇ رايونىنىڭ دېھقانچىلىقىنى سۇ بىلەن تەمىنلىشىگە ئېغىر تەسىر يېتىۋاتقانلىقى ئېنىق سېزىلىۋاتقان بىر مىسالغا ئاساسەن، تەڭرىتاغلىرىدىكى مۇزلۇقلارنى مەنبە قىلغان دەريالارنىڭ سۈيى بارغانسىرى ئازلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ھۆكۈمەتنى ئاگاھلاندۇرغان.
