تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئامېرىكىغا ۋىزىسىز كىرىش رۇخسىتىگە ئېرىشىشى خىتاي تورداشلىرىنى ھەۋەسلەندۈردى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2012-يىلى 1-دېكابىردىن باشلاپ،تەيۋەن كىملىكى بار پۇقرالارنىڭ، ئامېرىكىدا 90 كۈن ۋىزىسىز تۇرسا بولىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىدا تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى خالىغان تەيۋەن شىركەتلىرى ۋە تەيۋەنلىك سودىگەرلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق تىزىملىتىش يولى ئارقىلىق، ئامېرىكىدا 2 يىل تۇرسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ، تەيۋەن پۇقرالىرىغا ۋىزىسىز كىرىش رۇخسەتنامىسى بېرىلگەن 129-دۆلەت. تەيۋەن پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا ۋىزاسىز كىرىش رۇخسەتنامىسىغا ئېرىشكەنلىك خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، خىتاي تورداشلىرى ئىنكاس يېزىپ، تەيۋەن پۇقرالىرى ئېرىشكەن بۇ ئىمتىيازغا ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە 172 دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي پۇقرالىرى ۋىزىسىز كىرىش رۇخسەتنامىسى ئالغان دۆلەتلەر 20 گە يەتمەيدىكەن.

تەيۋەن ئامېرىكىغا ۋىزىسىز كىرىش رۇخسەت قىلىنغان 36-دۆلەت بولۇپ،تىنچ ئوكيان ھەم ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ھازىرغىچە ئاۋسترالىيە،ياپونىيە،كورىيە،يېڭى زېللاندىيە، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەر ھەم غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى پۇقرالىرى ئامېرىكىغا ۋىزىسىز كىرىش رۇخسەتنامىسىغا ئېرىشكەن.