چېن شۈيبىيەننىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىشى بەشىنچى كۈنگە قەدەم قويغان
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.11.16
2008.11.16
يەكشەنبە كۈنى ئۇنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىشى 5 - كۈنگە كىرگەن بولۇپ، تەيۋەننىڭ مەركىزىي ئاگېنتلىقى چېن شۇيبيەننىڭ سالامەتلىكىدە جىددىيلىك كۆرۈلۈپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەمدە قان ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارىلىق ئۇنىڭ بەدىنىدە نەملىك تۈگەش مەسىلىسى كۆرۈلگەنلىكى، ھازىرچە بۇ ئەھۋالنىڭ ئوڭشىلىشى ئېنىق ئەمەسلىكىنى خەۋەر قىلدى.
دوختۇرلار ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ھازىرچە خەۋپلىك ئەمەسلىكى، ئەمما داۋالاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن . چېن شۈيبىيەن بەش كۈنگىچە تاماق يېيىش، سۇ ئىچىشنى قەتئىي رەت قىلغان، دوختۇرلار ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى، قان بېسىمىنى ئۆلچىگەن، ئۇ دوختۇرلارنىڭ بەزى ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىش تەكلىپىنى رەت قىلغان ئىكەن.
گومىنداڭ پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان تەيۋەن پرېزىدېنتى مايىڭجۇ شەنبە كۈنى چېن شۈيبىيەن قاتارلىقلارنى ئاشلىق ئېلان قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرغان. سابىق تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبىيەن دېموكراتىيە ۋە ئىلغارلىق پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلغۇچىلاردۇر.
بۇ قېتىم ھاكىمىيەت مۇستەقىللىقنى تەرغىپ قىلمايدىغان گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، مۇستەقىلچىلەر زەربىگە ئۇچرىغان ئىدى. چېن شۈيبىيەن تەرەپلىرى چېننىڭ جازالىنىشى سىياسىي ئۆچ ئېلىش دەپ قارىغان ئىكەن.









