تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىپلەندى
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.12.12
2008.12.12
سوتقا تارتىلىدىغانلار ئىچىدە چېن شۈيبيەن جەمەتىدىن چېن شۈيبيەننىڭ ئايالى ۋۇ شۇجىن، ئوغلى، كۈيئوغلى، ۋۇ شۇجىننىڭ ئاكىسى قاتارلىقلار بار ئىكەن. چېن شۈيبيەن تەيۋەن تارىخىدا خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا تارتىلغان تۇنجى تەيۋەن پرېزىدېنتىدۇر.
چېن شۈيبيەن دىلوسىنى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ باياناتچىسى چېن يۈننەن، چېن شۈيبيەن ۋە ئۇنىڭ ئايالى چېتىلىدىغان خىيانەتچىلىكنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىك خىراجىتى ۋە ھەر خىل خىيانەتچىلىك ئومۇمى سوممىسى بولۇپ 780مىليون دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. چېن يۈننەن " سابىق پرېزىدېنت چېن شۈيبيەننىڭ جىنايىتى ئېغىر، بىز سوت مەھكىمىسىدىن سابىق پرېزىدېنت چېن شۈيبيەننى ئېغىر جازالاشنى تەلەپ قىلىمىز " دەيدۇ.
لېكىن چېن شۈيبيەن ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى بولسا، چېن شۈيبيەنگە قارىتىلغان ئەيىبلەشنى گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى، دەپ قارىماقتا شۇنداقلا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ كورسەتمىسىگە ئاساسەن ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا، دەپ ئەيىبلىمەكتە.
چېن شۈيبيەن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى نامايىش قىلىپ، چېن شۈيبيەننىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن ما يىڭجيۇ ھۆكۈمىتى بولسا بۇ تۈردىكى تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، ئەدلىيەنىڭ تەرەپسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.









