تەيۋەننىڭ گاۋشيوڭ شەھىرى رابىيە خانىم ھەققىدىكى فىلىمنى قويۇشنى قايتا ئويلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاينىڭ گاۋشيوڭ شەھىرىگە بايقۇت ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن كېيىن، تەيۋەننىڭ گاۋشيوڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى جۈمە كۈنى كېلەر ئاي ئۆتكۈزۈلىدىغان گاۋشيوڭ خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ فىلىمىنى قويۇشنى قايتا ئويلىشىپ كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.09.18

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ گاۋشيوڭدا ئېلىپ بارغان يېقىنقى زىيارىتىدىن كېيىن، خىتاينىڭ گاۋشيوڭغا ساياھەت قىلىشنى بايقۇت قىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر گاۋشيوڭنىڭ ساياھەت ۋە سىياسى سەھنىسىدىكى زاتلارنى ئەندىشىگە سالغان.

گاۋشيوڭ مېھمانخانىلار جەمئىيىتى يەرلىك دائىرىلەرنى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" دېگەن فىلىمنى قويۇشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان. گاۋشيوڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى چاڭ جياشىڭ "بىزنىڭ بۇ فىلىمنى قويۇش پىلانىمىز بار، لېكىن بىز ھازىر قويۇش ‏ - قويماسلىقنى قايتا كۆزدىن كۆچۈرۈۋاتىمىز،" دېگەن.

تەيۋەندىكى "جۇڭگو ۋاقتى گېزىتى" خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ساياھەت شىركەتلىرىگە يوليورۇق بېرىپ، گاۋشيوڭ شەھىرىگە ساياھەتچى ئاپارماسلىقنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، گاۋشيوڭدىكى مېھمانخانىلارغا بېرىلگەن ياتاقخانا زاكاسلىرىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن تەيۋەن دىموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسى خىتاي دائىرىلىرىنى تەنقىد قىلغان بولۇپ، مەزكۇر پارتىيىنىڭ خەلقئارا ئىشلار مەسئۇلى "بىزنىڭ خالىغان كىنونى كۆرۈش ئەركىنلىكىمىز بار. بۇ سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىنىڭ بىر قىسىمى" دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.