فىلىپ ياڭ تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ئىگىلىرى سۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، تەيۋەننىڭ يەنىلا ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى ياخشىلاشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە بۇ يەردىكى مەقسەت-مۇددىئا ئىنتايىن ئېنىق. نۆۋەتتە ئامېرىكا دائىرىلىرى تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ نېمىلەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىگە قاراپ چىقماقتا.» ئامېرىكا تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ تونۇيدىغان بولسىمۇ، 1979-يىلدىكى قانۇنغا ئاساسەن تەيۋەننىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن تەيۋەنگە قورال ياراق سېتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىگە ئىگە.
فىلىپ خىتاينىڭ نۆۋەتتە ھەربىي سېلىنمىسىنى بارغانچە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىدى ۋە:«ئامېرىكا بۇ يەردىكى كۈچنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەيۋەنگە چوقۇم ياردەم قىلىشى كېرەك. خىتايدەك چوڭ دۆلەت بىلەن مۇرەسسە قىلىش چوقۇم بەدەلسىز بولمايدۇ» دېدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى تەيۋەنگە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ۋە «قاراقچىغا» ماركىلىق تىكئۇچار قاتارلىق 6.4 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئىلغار قورال ياراق-سېتىپ بېرىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە دەخلى يەتكۈزگەن.