تەيۋەندە ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىگە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلمەكچى
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات
2008.10.18
2008.10.18
تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى، تەيۋەن پرېزىدېنتى مايىڭجۇ ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ تەيۋەننىڭ مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ئۇلار شۇنداقلا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى چىن يۇنلىننىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
شەنبە كۈنى تەيۋەننىڭ جەنۇبىي رايونىغا جايلاشقان چايي ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىلىشقا قاتناشقان تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى چىن شۈيبىيەن، تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان نارازىلىق نامايىشىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى چەن يۇنلىننى تەيۋەننى زىيارەت قىلىش پىلانىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چىن شۈيبىيەن يىغىلىشتا بەرگەن باياناتىدا، "چەن يۇنلىندىن تەيۋەنگە كەلمەسلىكىنى تەلەپ قىلىمەن" دېگەن.









