ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تەيۋەننىڭ ب د ت غا كىرىش مەسىلىسى توغرىسىدا لايىھە قويۇلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.09.15
2010.09.15
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى سكوت گەررى لايىھە ئوتتۇرىغا قويغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەيۋەن خەلقى سايلىغان ھۆكۈمەتنى ئۆزىنىڭ ئەزالىرى قاتارىغا قويمىغانلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ نىزامنامىسىغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا بولالماي، بىر قاتار ئىجتىمائىي تازىلىق ۋە ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە دۇچ كېلىشىگە سەۋەبچى بولدى، دەپ كۆرسەتتى.