تيەنەنمېن ۋەقەسىدە پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلغان ئانىلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تيەنەنمەن ۋەقەسىنى ئاقلاشنى تەلەپ قىلدى

1989-يىلدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانلىق باستۇرۇشىدا پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلغانلاردىن دىڭ زىلىن قاتارلىق 127 نەپەر ئانا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىمزالىق خەت يېزىپ، 1989-يىلدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلغانلارغا تۆلەم بېرىشنى، ھەم ئەينى چاغدىكى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.05.31

خىتاي ھۆكۈمىتى 1989-يىلى ياز پەسلىدە يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىش نامايىشىنى، «ئەكسىيەتچىل ھەرىكەت» دېگەن باھانىدە، شۇ يىلى 4-ئىيۇن كۈنى سەھەردە ھەربىي قوشۇنلارنى يۆتكەپ كېلىپ، تانكا قاتارلىق ئېغىر قوراللار بىلەن باستۇرغان ئىدى. ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنى 203 نەپەر دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

«تيەنئەنمېن ئانىلىرىنىڭ ئىمزالىق خېتى» دەپ ئاتالغان بۇ تەلەپنامە، 1989-يىلدىكى 4-ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ 22 يىللىقى مەزگىلىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نى «خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بىر قېتىملىق ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكىتى» دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

تيەنەنمېن ئانىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا تۆلەم پۇلى بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، بىراق ۋەقەنى ئاشكارىلاشنى ۋە ئۆلگۈچىلەردىن ئەپۇ سوراشنى رەت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.