ئاۋسترالىيە خىتاينى تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇش مەسىلىسىگە قاراپ چىقىشقا چاقىردى

تىبەت راھىبلىرى ئۆزىگە ئوت قويۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى خىتاينى بۇ مەسىلىگە قاراپ چىقىشقا چاقىردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.03.19

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فرانسىس ئادامسون تىبەتكە بېرىپ تىبەت نامايىشچىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە ئوت قويىدىغانلىقىنى تەكشۈرمەكچى بولغان.

بۇنى دۈشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بوب چار ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: بىزنىڭ ئەلچىمىز تىبەتتىكى مەسىلىلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىش ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېلىشنى تەلەپ قىلماقچى.

خىتاي دائىرىلىرى تىبەتلەرنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ئۆزىنىڭ تىبەت سىياسىتىنى ئاقلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما  ھازىرغا كەلگۈچە 30 غا يېقىن تىبەت راھىبى ئۆزىگە ئوت قويۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن شەنبە كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ كىرتى ئىبادەتخانىسىدىكى بىر تىبەت راھىبى ئۆزىگە ئوت قويغاندىن كېيىن، بۇ تىبەتتە يەنە بىر قاتار جىددىيچىلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.