چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ تىبەت تېلېۋىزىيە مۇخبىرىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئەيىبلىدى

مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تىبەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دىكتورى ۋاشۇ روڭجۇڭنىڭ خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاشۇ روڭجۇڭ شەرقىي تىبەت رايونىدىكى يۇرتى سەرتا ۋىلايىتىدە 11 ‏ - سېنتەبىر كۈنى قولغا ئېلىنغان. ۋاشۇ روڭجۇڭ تىبەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دىكتورى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ناخشا ۋە تىبەت مەدەنىيىتىگە ئائىت 2 ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئىدى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا " خىتاي دائىرىلىرى نېمە ئۈچۈن مۇخبىر ۋە تىبەت مەدەنىيىتىنى قوغدىغۇچى مەزكۇر زاتنى قولغا ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك " دەپ تەكىتلىگەن. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يەنە " بۇ ۋەقە تىبەت رايونىنىڭ ھاۋاسىدىكى مارت ۋەقەسىدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىشىدەك ۋەھىمىلىك ۋەزىيەتنى نامايەن قىلماقتا " دەيدۇ. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ۋۇشۇ روڭجۇڭنىڭ ئائىلىسىگە ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي دائىرىلىرىدىن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئېلان سەنئەت بۆلۈمىنىڭ خادىمى مەھبۇبە ئابلەشنىڭ قولغا ئېلىنىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى مەھبۇبە ئابلەشنى قولغا ئېلىشتا ۋاشۇ روڭجۇڭ ۋە بۇنىڭدىن بۇرۇن قولغا ئېلىنغان چىڭخەي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دىرېكتورى جامياڭ كيىغا ئوخشاش قولغا ئېلىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن. جامياڭ كيى كېيىنرەك قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ئاپتونوم رايونىدا 14 ‏ - مارت لخاسا ۋەقەسىدىن كېيىن "بۆلگۈنچىلىك" كە قارشى قايتا تەربىيىلەش ھەرىكىتى باشلىغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازدا قايتا تەربىيىلەش ھەرىكىتى قوزغايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.