شەنبە كۈنى نىيورك شەھىرىدە 2000 دىن ئارتۇق تىبەتلىك نامايىش قىلدى

خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 1959 - يىلىدىكى تىبەتلەرنىڭ قوزغىلىڭىنى باتۇرغانلىقىنىڭ 53 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا، كانادا ۋە باشقا ئەللەردە ياشايدىغان 2000 دىن ئارتۇق تىبەتلىك شەنبە كۈنى نىيورك شەھىرىدىكى ب دت بىناسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر تىبەتلەرگە ئەركىنلىك ۋە دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىشىنى تەلەپ قىلىپ شوئارلار توۋلىغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-03-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تىبەتلەرنىڭ خىتايغا قارىتىلغان مەزكۇر نارازىلىق نامايىشى جەريانىدا يەنە تىبەتلەر شام يېقىپ، ئۆزلىرىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن قېرىنداشلىرىغا تەزىيە بىلدۈرگەن، مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا 20 دىن ئارتۇق تىبەت ئۆزىنى كۆيدۈرىۋېلىش ئارقىلىق تىبەتلەرگە ئەركىنلىك ۋە دالاي لامانىڭ قايتىپ كېلىش تەلىپىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەمما، بېيجىڭ تىبەتلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى چەتئەللەردىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىنى كۈشكۈرتۈش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. دالاي لاما 1959 - يىلى تىبەت قوراللىق قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندا ھىندىستانغا قېچىپ چىققاندىن بۇيان چەت ‘ئەلدە ياشىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت