خىتاي تۆمۈر يول مىنىستىرى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى

خىتاينىڭ تۆمۈر يول مىنىستىرى ليۇ جىجۈن پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئاخباراتىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇ بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

پارىخورلۇق كومپارتىيە باشقۇرۇشىدىكى خىتايدا ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا.

شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا ئۆتكەن يىلى 146 مىڭ 517 ھۆكۈمەت كادىرى پارىخورلۇق ۋە چېرىكلىك جىنايىتى بىلەن جازالانغان.

خىتايدا مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈلىدىغان ئەھۋاللار كەم ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇ نۆۋەت تۆمۈر يول مىنىستىرى ليۇ جىجۈننىڭ ئەيىبلىنىشى خىتاي كومپارتىيىسىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

ليۇ ئەسلى ۋۇخەن شەھەرلىك تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، 2003-يىلىدىن بۇيان خىتاي تۆمۈريول مىنىستىرلىقىغا مىنىستىر بولۇپ يۆتكەلگەن.

خىتاي ئاخباراتلىرىدا ليۇنىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن.