5 مىليارد 73 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان قەشقەر-خوتەن تۆمۈر يولى پۈتتى

خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىگە كىرگۈزۈپ، ئاز دېگەندە 5 مىليارد 73 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان قەشقەر-خوتەن تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنىڭ 30 ‏- دېكابىر كۈنى رەسمىي پۈتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2010-12-30
Share

مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تالاش-تارتىش قوزغىغان مەزكۇر تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈپ چىقىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، دائىرىلەر پەيشەنبە كۈنى خوتەن ۋوگزالىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، تۇنجى نۆۋەتلىك يۈك پويىزىنىڭ رەسمىي يولغا چىققانلىقىنى جاكارلىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر -خوتەن تۆمۈر يولى خوتەننىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى جانلاندۇرۇپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرىدىغانلىقىنى، خوتەن خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن مەزكۇر قۇرۇلۇشقا قارشى پىكىردىكى زاتلار، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ خوتەنگە ئېقىپ كىرىشىنى تىزلىتىپ، خوتەننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپ تاشلىشىدىن، مۇھىت ۋە يەرلىك مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ئەنسىرەپ كەلگەن.

قەشقەر -خوتەن تۆمۈر يولىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى ئاز دېگەندە 480 كىلومېتىر بولۇپ، تاق لىنىيىلىك مەزكۇر تۆمۈر يولدا 16 بېكەت تەسىس قىلىنغان. مەزكۇر تۆمۈر يول لىنىيىسى قەشقەر شەھىرىدىن چىقىپ، قەشقەر يېڭى شەھەر، ئاقتۇ، يېڭىسار، يەكەن، پوسكام، قاغىلىق، گۇما، قاراقاش قاتارلىق ناھىيىلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرقى مەنزىلى خوتەن شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. مەزكۇر تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى پۈتۈپ چىقىشتىن بۇرۇن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ يىل 5‏- ئايدا "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئىلىغا مەبلەغ سېلىش ۋە كۆچمەن يۆتكەش پائالىيىتىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.