تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان گرېتسىيىدە زىيارەتتە

15 - ماي، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان گرېتسىيىدە زىيارەتتە بولدى ۋە ئىككى تەرەپ بىرلەشمە كابىنېت يىغىنى ئېچىپ 20 خىلدىن ئارتۇق كېلىشىم تۈزۈشتى. بۇ تۈركىيە باش مىنىستىرىنىڭ 2004 - يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى گرېتسىيە زىيارىتىدۇر.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﻪ
2010.05.15

تۈرك - گرېك مۇناسىۋەتلىرى ئەزەلدىن جىددىي بولۇپ كەلگەن ئىدى. مەزكۇر دۆلەتلەر ئارىسىدا 1974 - يىلى ۋە 1996 - يىلى ئارىسىدا سۈركىلىشلەر ئەڭ ئېغىرلاشقان بولۇپ، ئۇرۇش پارتلاش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن ئىدى.

گرېتسىيە باش مىنىستىرى گېئورگې پاپاندرېئو رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ گرېتسىيە زىيارىتىدىن خۇرسەن بولغانلىقى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان گرېتسىيىنىڭ تانېئا گېزىتىگە "تۈرۈك - گرېك مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىشەنچ ۋە مۇقىملىق مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ ۋە نەتىجىدە ھەربىي ھازىرلىقلار كېڭەيمىچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ" دېگەن.

گرېتسىيە تەرەپمۇ ئوخشاش قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، گرېتسىيە بۇ يىل ھەربىي خام چوتىنى 25 پىرسەنت قىسقارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپ مىنىستىرلىرى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، ساياھەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار 21 تۈرلۈك كېلىشىم تۈزگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.