تۈركىيە ئافغانىستان ساقچىلىرىنى تەربىيىلىمەكتە

تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم بويىچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئافغانىستان ساقچىلىرىنى تەربىيىلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا. رۇسىيىنىڭ رېگنۇم ئۇچۇر تورىنىڭ تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، يېقىندا 500 نەپەر ئافغانىستان ساقچىسى تۈركىيىگە بېرىپ، مەخسۇس تەربىيە ئالىدىكەن. كېلىشىم بويىچە بۇ 500 ئادەم ئۈچ تۈركۈمدە تەربىيىلىنىدىغان بولۇپ، بىرىنچى تۈركۈمدە 165 ئادەم تۈركىيىگە يۈرۈپ كەتكەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.08.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى 600 نەپەر ساقچىنى تۈركىيىگە ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇلار مەخسۇس تەربىيىلەشتىن ئۆتۈپ ۋەتىنىگە قايتىپ خىزمەتلەرگە كىرىشكەن، بۇ قېتىم يەنە 500 ئادەمنى تەربىيىلەش ھەققىدە پۈتۈشۈم ھاسىل قىلىنغان.

مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ساقچى ۋە ئامانلىق ساھەسى بىر قەدەر مۇكەممەللەشكەن ۋە سىستېمىلاشقان مەملىكەت بولۇپ، تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيىۋى سىياسى ئورنى ۋە مۇرەككەپ ئىچكى ۋەزىيىتى تۈپەيلىدىن ساقچى ۋە ئامانلىق ساھەسىگە ئەزەلدىنلا قاتتىق ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ساھەدە مول تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.