تۈركىيە دېموكراتىيىسى پۈتۈن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۈلگە

يەكشەنبە كۈنى تۈركىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلغان باش مىنىستىر تايىپ ئەردوغان تۈركىيىنىڭ دېموكراتىك تەرەققىيات مودېلى ھەققىدە توختالغاندا، تۈركىيىنىڭ دېموكراتىك تەرەققىياتىغا يۇقىرى باھا بەرگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەردوغان سۆزىدە ئون يىل ئىچىدە تۈركىيىنىڭ رايوندىكى كۈچ دۆلەتكە ئايلانغالىقى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېز تەرەققى قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.09.30


ببس ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ئەردوغان بىر قانچە مىڭ قوللىغۇچىلار ئالدىدا قىلغان سۆزىدە يەنە تۈركىيىنىڭ دېموكراتىيىسىنىڭ پۈتۈن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۈلگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇ سورۇندا مىسىر پرېزىدېنتى مۇرسىي قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى بار ئىدى. ئەردوغان تۈركىيىنىڭ سۇرىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىشتا باشلامچىلىق رولى ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.