تۈركىيە ئىسرائىلىيىگە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋۇدئوغلۇ ئىسرائىلىيىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر تېلئاۋىف ئىسرائىلىيە ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ گازاغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئېلىپ ماڭغان "ماۋى مارمارا" ناملىق تۈرك كېمىسىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن ئەپۇ سورىمىسا، ئىسرائىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.


5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدە 8 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى بىلەن بىر ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى تۈرك ئۆلگەن ئىدى. تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، داۋۇدئوغلۇ ئىسرائىلىيە، خەلقئارا تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى قوبۇل قىلمىسا ۋە تۈركىيىدىن ئەپۇ سورىمىسا، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياخۇ ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئىسرائىلىيىنىڭ تۈركىيىدىن ئەپۇ سورىمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. نېتانياخۇ ئىسرائىلىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بايانىدا ئىسرائىلىيە ھۇجۇم ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرگە قايغۇرىدۇ. لېكىن ئىسرائىلىيە ئەپۇ سورىمايدۇ. چۈنكى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى زوراۋان ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئۆزىنى قوغدىدى" دېگەن. نېتانياخۇ يەنە، تۈركىيىنىڭ ۋەقەدە ئۆلگەن 9 نەپەر تۈرك پۇقراسىغا تۆلەم تۆلەش تەلىپىنى رەت قىلغان.
2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org