تۈركىينىڭ ناتو پىلانى سۈرىيىنىڭ نازلىقىنى قوزغىغان

تۈركىيە ئۆزىنىڭ سۈرىيە بىلەن تۇتىشىدىغان چېگراسىنى قوغداشتا ناتونىڭ ياردىمىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇ سۈرىيە تەرەپنىڭ نازلىقىنى قوزغىغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.04.28

سۈرىيە تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جىھاد مەكدىسى: تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ناتو قىسىملىرىنى چېگرا قوغداشقا ئەكېلىش تەھدىتى ئادەمنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ. بۇ كوفى ئانناننىڭ تىنچلىق پىلانىغا بولغان سادىقلىقنىڭ كەملىكىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى.

بۇ يىل 9 - ئاپرېل تۈركىيىنىڭ كىلى مۇساپىرلار لاگېرىدا 4 سۈرىيىلىك مۇساپىر، ئىككى تۈرك پۇقراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ساقچى ۋە بىر تەرجىمان سۈرىيە چېگراسى تەرەپتىن ئېتىلغان ئوقتا يارىلانغان. تۈركىيە باش مىنىستىر ئەردوغان بۇ ھەقتىكى سوئاللارغۇ جاۋاب بېرىپ: بىزنىڭ بۇنى ھەل قىلىدىغان چارىلىرىمىز كۆپ دېگەن، ئىدى.

ئۇ يەنە : بۇنىڭدىكى بىرىنچى تاللاش ناتو كېلىشىمىدىكى 5 - ماددىنى ئىشقا سېلىش، دەپ كۆرسەتكەن. بۇكېلىشىم بويىچە ئەگەر ناتوغا ئەزا ھەر قانداق بىر دۆلەت ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، بۇ ھۇجۇم ئالدى بىلەن ناتوغا قىلىنغان ھۇجۇم دەپ قارىلىپ، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان دۆلەتنى بارلىق ناتو ئەزالىرى بىرلىكتە قوغداش مەجبۇرىيىتىگە ئىگە.

داۋۇتوغلۇ پەيشەنبە كۈنى: تۈركىيىنىڭ ئۆز دۆلەت بىخەتەرلىكى قوغداش ئۈچۈن بارلىق چارىلەرنى قوللىنىشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تۈركىيە ئەسلى سۈرىيىنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئەسەد ھۆكۈمىتى نامايىشچى خەلقنى ھەربىي كۈچ بىلەن باستۇرۇشنى باشلىغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن ۋە سۈرىيىدىن كېلىدىغان مۇساپىرلارغا قوينىنى ئاچقان ئىدى. نۆۋەتتە تۈركىيىدە 23 مىڭ سۈرىيىلىك مۇساپىر پاناھلانماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.