تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاڭلىتىشىنى باشلىدى
26 - ئۆكتەبىر، تۈركىيە دۆلەتلىك رادىئوسى ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىشنى باشلىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن چەتئەللەردە بىۋاستە ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان رادىئو ئىستانسىلىرىدىن يەنە بىرى كۆپەيدى.
-
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008-10-27 -
-
-
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر رادىئونىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى پروگراممىسى خەلقئارا خەۋەرلەر، تۈرك دۇنياسى خەۋەرلىرى، تىل - مەدەنىيەت ۋە تارىخ قاتارلىق مەزمۇنلاردا ھەر كۈنى بىر سائەتتىن ئىككى قېتىم ئاڭلىتىش بېرىدىكەن.
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى تۈركىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ قارمىقىدىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان رادىئو ئىستانسسىدۇر.
تۈركىيە رادىئو، تېلېۋىزىيە ئىدارىسى 1964 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچىسى بار بولغان ، 30 خىل تىلدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان ئەڭ چوڭ ۋە مۇھىم ئاخبارات ئەپكارىغا ئايلاندى.