كۆرەك مۇشۇ ئاينىڭ 31 - كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئېچىلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر كۆرەك تۈركىيىدە بېكىتىلگەن «خىتاي يىلى» نى خاتىرىلەش پروگراممىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
كۆرەكتە قۇرئان قىرائەت قىلىش، دىنىي تۈستىكى سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن باشقا، كۆرەككە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كۆرەككە يەنە قۇرئاننىڭ ھەرخىل تىلدىكى تەرجىمىلىرى ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىق نەمۇنىلىرىنىڭمۇ قويۇلىدىكەن.
ئەمما، دائىرىلەر قۇرئان قىرائەت قىلىدىغان ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى ئاشكارىلىمىغان.
تۈركىيە 2012 - يىلىنى «خىتاي يىلى» قىلىپ بېكىتىپ، خىتاينىڭ تۈركىيىدە خىتاينى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويغان ئىدى.
تۈركىيىنىڭ بۇ قارارى تۈركىيىدىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلات ۋە سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى مەلۇم.
خىتاي بۇ يىللىق رامىزان مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي چەكلىمىلەرنى قايتا كۈچەيتىپ، بارلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ روزا تۇتۇشىنى قاتتىق چەكلىگەندىن سىرت، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان نازارەتنىمۇ كۈچەيتكەن ئىدى.
مەزكۇر كۆرەكنىڭ خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە دىنغا قارىتىلغان چەكلەشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن پەيتلەرگە توغرا كېلىشى دىققەتنى چەكمەكتە.