خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ شاڭخەيگە كەلگەن تۈركمەن پرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

بىر قىسىم دۆلەت باشلىقلىرى شاڭخەي دۇنيا سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتايدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئېلىپ بېرىپ، خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 1 - ماي كۈنىدىن باشلاپ، بىر قىسىم دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلىشىشنى باشلىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىدىكى بىر قىسىم ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى بار.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2010.05.02

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە تۈركمەنىستان پرېزىدېنت قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوفمۇ بار.

 فەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قۇربانگۇل بەردىمۇھەممەدوفنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، چۈنكى، خىتاي بىلەن تۈركمەنىستان ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە تەبىئىي گاز كېلىشىمى بار. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۈركمەنىستان خىتايغا ھەر يىلى 30 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي يەتكۈزۈشكە رازىلىق بىلدۈرگەن. ئەمما، ئالدىنقى يىلىدىن بۇيان رۇسىيىنىڭ تۈركمەنىستان گېزىنى ئاز سېتىۋېلىشى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ سىرتقا تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىش نىسبىتى ھەم بۇنىڭدىن ئالىدىغان ئىقتىسادىي كىرىمى جىددىي تۆۋەنلەپ كەتكەن. بۇ تۈركمەنىستانغا بۆھران ئېلىپ كەلگەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئەنە شۇ ۋەجىدىن تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، ئۆزىنى بوھراندىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئىنتىلگەن. بىراق، ئانالىزچىلار تۈركمەنىستان ئۆز تەبىئىي گازلىرىنى سىرتقا چىقىرىپ، ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشتا ۋە بۆھراندىن قۇتۇلۇشتا يەنىلا رۇسىيىگە تايانماي مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

رۇسىيە تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان گازلىرىنى ئەرزان سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ خىتاينى دەستەك قىلىپ، ئۆز تەبىئىي گازلىرىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشقانلىقى مەلۇم. ئەمما، ياۋرو - ئاسىيا رايونىدا تۈركمەنىستاننىڭ يەنىلا رۇسىيىگە ۋە ياۋروپا بازىرىغا تايانماي ئامال يوقلۇقى مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.