تۈركمەنىستان پارلامېنت سايلىمى دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىكى مۇھىم قەدەم دەپ شەرھىلەندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.12.15
2008.12.15
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمىدا 2.5 مىليون ئادەم بىلەت تاشلىغان بولۇپ، سايلاش يېشىدىكىلەرنىڭ 90 پىرسەنتتىن ئارتۇقى بىلەت تاشلاشقا قاتناشقان.
ب ب س دە كۆرسىتىلىشىچە، پارلامېنتتىكى 125 ئورۇن ئۈچۈن سايلامغا چۈشكەن 288 كاندىداتنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۈركمەنىستاندىكى بىردىن - بىر پارتىيە دېموكراتلار پارتىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن ياكى ھۆكۈمەت ئىقتىسادى ياردەم بەرگەن تەشكىلاتلاردىن چىققان ئىكەن.
تۈركمەنىستاندا بۇ نۆۋەت ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىغا ياۋروپا بىخەتەرلىك - ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۆزەتكۈچى ئەۋەتمىگەن بولۇپ، رويتېرستا نەقىل قىلىنىشىچە، تۈركمەنلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى فەرىد تۇخباتۇلىن بۇ نۆۋەتلىك سايلامنىڭ نىيازوپ دەۋرىدىكىگە تامامەن ئوخشايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تۈركمەنىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيان تۈركمەنىستاننى مۇستەبىتلىك بىلەن سوراپ كەلگەن سەپەرمۇرات نىيازوف 2006 - يىلى قازا قىلغاندىن كېيىن سەھنىگە چىققان ھازىرقى تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوف، تۈركمەنىستاندا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى.









