تۈركمەنىستان - خىتاي نېفىت تۇرۇبا يولى دېكابىردا ئېچىلماقچى

تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربانگۇل بەردىمۇھەممېدوف دۆلەت تېلىۋىزىيسىدە قىلغان سۆزىدە تۈركمەنىستان - خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ 15 - دېكابىردا ئىش باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.09.17

7000 كىلومېتىرلىق مۇساپىگە ئىگە بولغان بۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ قۇرۇلۇشى 2007 - يىلى باشلانغان بولۇپ، تۈركمەنىستان - خىتاي ئىككى دۆلەت كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، تۈركمەنىستاننىڭ تەبىئىي گازىنى خىتايغا توشۇيدىغان 30 يىللىق تەبىئىي گاز تىجارىتىگە ئىمزا قويغان ئىدى. بۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ئارقىلىق تۈركمەنىستان خىتايغا ھەر يىلى 30 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزىدىكەن.

خىتاي بىلەن تۈركمەنىستان بۇ كېلىشىمگە 6 - ئايدا قول قويغان. ئەمما خىتاي تەرەپنىڭ تۈركمەنىستانغا بۇ گازنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل تۆلىگەنلىكى ئاشكارىلانمىغان. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يەنە تۈركمەنىستاننىڭ دۆلەتلىك تەبىئىي گاز شىركىتىگە 4 مىليارد دوللار قەرز بېرىشكىمۇ ۋەدە قىلغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.