ئۇكرائىنلار 1932 - يىلىدىكى ئاچارچىلىقتا ئۆلگەنلەرنى خاتىرىلىدى

شەنبە كۈن ئۇكرانىيىلىكلەر پايتەخت كىيېۋ قاتارلىق شەھەرلەردە 1932 - يىلىدىكى زور ئاچارچىلىق ۋەقەسىنى ئەسلەپ، بىر يىل دىن ئارتۇق داۋاملاشقان مەزكۇر ئاچارچىلىقتا ئۆلگەن بىگۇناھ كىشىلەرنى خاتىرىلىدى.


ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنىيە ھۆكۈمىتى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، 1932 - يىلى، ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن ئۇكرائىنىيە ۋە باشقا جايلاردا ئاچارچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئۈلۈشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى ئاچارچىلىقنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، بۇ ۋەقەنى ئۇكرائىن خەلقىنىڭ پاجىئەسى دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇكرائىنىيىدە ئەشۇ ئاچارچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كومپارتىيە رەھبەرلىرىنى قايتىدىن سوتلاش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنغان ئىدى.

1932 - 1933 - يىلىدىكى زور ئاچارچىلىق ۋەقەسى ئۇكرائىنىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردىمۇ يۈز بەرگەن. بۇ خىل ئاچارچىلىق سوۋېت كومپارتىيىسى تەرىپىدىن 1920 - 1923 - يىللىرىمۇ بىر قېتىم كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ ئۇزۇن جەرياندا بىر قانچە مىليون ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلگەن. قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئاچارچىلىقتىمۇ نۇرغۇن قازاق، قىرغىز،ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ۋەكىللىرى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى.