«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم يېقىندا مۇقىملىق خىزمەت يىغىنى چاقىرىپ، ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزى رايونلىرىدىكى ئامانلىقى ناچار جايلارنى يېڭى مەھەللىگە ئايلاندۇرۇشنى، ھەر بىر يېڭى مەھەللىگە بىر مىليون يۈەندىن پۇل ئاجرىتىشنى قارار قىلغان. بىراق بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە يېڭى مەھەللىگە ئايلاندۇرۇلىدىغان ئامانلىقى ناچار بۇ جايلارنىڭ قايسى رايونلارنى كۆرسىتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.
21-ئىيۇن ئېچىلغان مەزكۇر يىغىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى جۇ خەيلۇن تەكىتلەپ: بىر مەھەللىگە بىر ساقچى مەسئۇل بولۇش، بىر مەھەللىگە كۆپ ساقچى مەسئۇل بولۇش، ئەندىزىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئاينىڭ باشلىرى خوتەندە بىر يەر ئاستى دىنىي مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ، 12 ئوقۇغۇچى يارىلانغاندىن كېيىن، ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ ئاتالمىش«قانۇنسىز دىنىي مەكتەپلەرگە زەربە بېرىش» ھەرىكىتى باشلىغان. بىراق كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئامانلىق تەدبىرى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 3 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ۋەقە يۈز بېرىشتىن ساقلىنىشقا قارىتىلغانلىقى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ «ئامانلىقى ناچار مەھەللىلەر» نى تۈزەشكە پۇل ئاجرىتىشى، ئومۇمى ئامانلىق تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىلشات رىشىت، شەھەرلىك پارتكومنىڭ قارارىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرىلەپ كونترول قىلىش ۋە نازارەت قىلىشقا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. شەھەرلىك پارتكومنىڭ 21-ئىيۇندىكى يىغىنىدا، مەۋقەنى نۆۋەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قارىتىپ، 25 مەھەللىدە ئىش باستۇرۇش ئورنى قۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.