ئۈرۈمچىدە بىر قىسىم دوختۇرخانىلارنىڭ قالايمىقان پۇل ئېلىش ئەھۋالى پاش بولدى

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى باھا تەكشۈرۈش تارماقلىرى ئۈرۈمچىدىكى 214 داۋالاش ئورنىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قالايمىقان پۇل ئېلىش قىلمىشىنى بايقىغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.11.16

شىنخۇئانىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 214 تىببىي ئورگاننىڭ 122 سى بىمارلارنىڭ ئىككى مىليون 160 مىڭ يۈەن پۇلىنى قالايمىقان ئالغان بولۇپ، باھا تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ تەكشۈرۈشلىرى جەريانىدا مەزكۇر تىببىي ياردەم ئورۇنلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر قىسىم دورىلار، بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان تىببىي ماتېرىياللارغا باھا بېكىتىپ، ئۆلچەمدىن يۇقىرى قالايمىقان ھەق ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
 
لېكىن، بۇ خەۋەردە پەقەت قالايمىقان ھەق ئېلىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بىراق، مەزكۇر تىببىي ياردەم ئورۇنلىرىنىڭ داۋالاش سۈپىتى، داۋالاش ئۈنۈمى ھەمدە تىببىي ئۆلچىمى، ساختا دورىلار مەسىلىسى ھەققىدە ھېچ نېمە دېيىلمىگەن.

ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، نۆۋەتتە، ئۆزىنى دوختۇر ئاتاپ، ئىچكىرىدىن چىققان بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ سۈپەتسىز، ۋاقتى ئۆتكەن ھەمدە ساختا دورىلارنى سېتىش قىلمىشلىرى ئەۋجى ئالغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال يېزا - قىشلاق رايونلىرىدىكى پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان سالماقتا، يالغان، ئۆلچەمسىز دورىلار كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە بۇنداق قىلمىشلارغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىلمىگەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.