ئۈرۈمچىدە ئۆيلىرىدىن كۆچۈشنى رەت قىلغان كىشىلەر ئۆلتۈرۈلۈش تەھدىتىگە ئۇچرىغان
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.11.17
2008.11.17
خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى جۇجو يولى شىنشىن باغچىسى ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا: " بۇ بىنانىڭ 3 - 4 - قەۋىتىدىكى ھايۋانلار، 7 كۈن ئىچىدە چىقىپ كېتىش، بولمىسا ھەممىڭنى ئۆلتۈرۈمىز" دېگەن تەھدىت ئۇقتۇرۇشى چاپلانغان بولۇپ، ئەمما ئۇقتۇرۇشىنىڭ كىم تەرەپتىن چاپلانغانلىقىنى يېزىلمىغان ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئائىلىلىكلەر قورۇسىنى ئۇيغۇر ئېلىگە جايلاشقان شىنپىڭ يەر - مۈلۈك چەكلىك شىركىتى بىلەن شىڭ يۈن يەر - مۈلۈك ئېچىش چەكلىك شېرىكلىرى بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرغان بولۇپ، يېقىندا بۇ ئىككى شىركەت ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۇقتۇرۇش 10 كۈن ئاۋۋال بايقالغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر قورودىكى 200 ئائىلە ئارىسىدا تەشۋىشلىنىش، ئۆز ھاياتىدىن ئەنسىرەش كەيپىياتلىرى ئەۋجىگە چىققان.
بۇ ئولتۇراق رايوندا ئۇيغۇر ئائىلىلەرنىڭ بار - يوقلۇقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.









