مانېۋېر ئۈرۈمچىدىكى بىر كوچىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر قاتناش ۋەقەسىدىن كېلىپ چىققان قالايمىقانچىلىقنىڭ زوراۋانلىق تۈسىنى ئېلىپ پۈتۈن شەھەرگە يېيىلىشىدەك ئەھۋال جانلاندۇرۇلغان.
ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق مانېۋېردا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ماسلىشىشىنى ئاشۇرۇپ، كەڭ كۆلەملىك ۋە تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە ۋاقتىدا زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ئىكەن.
بۇ ھەربىي مانېۋېرنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقىغا ئاز قالغان كۈنلەردە ئېلىپ بېرىلىشى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر قانداق بىر ۋەقە كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىغا قارشى ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.
