ئۈرۈمچى بۇلاقبېشى مەھەللىسىدە ساقچىلارنىڭ كوللېكتىپ ئادەم تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن

ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇلاقبېشى مەھەللىسى بىلەن دۆڭكۆۋرۈك ئارىسىدىكى يولدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئادەم تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك تور بېكەتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 21 ‏ - ئاپرىل كۈنى ساقچىلار بۇلاقبېشى مەھەللىسىدىن دۆڭكۆۋرۈككىچە بولغان ئارىلىقتىكى يولنى تۇيۇقسىز قامال قىلىپ، ئاز دېگەندە 40 دەك ئادەمنى تۇتقۇن قىلغان.

تور بېكەتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا تۇتقۇنلار ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، 3 سائەت تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، تۇتقۇنلارنىڭ بارماق ئىزى ئېلىنغان، كىملىكى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.

لېكىن، ساقچىلار نىمكەش تېلېفون تىجارەتچىلىرىدىن 13 كىشىنىڭ تېلېفونلىرىنى مۇسادىرە قىلغاندىن سىرت قالغانلارنىڭ خاتا تۇتۇپ قېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، "تىجارەت قىلسا بەلگىلەنگەن ئورۇندا قىلىشى كېرەك" لىكى توغرىسىدا تەنبىھ بەرگەن. لېكىن بۇ خەۋەر ئۈرۈمچىدىكى ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىغا ئېرىشەلمىدى.

خەۋەرلەردە ئەسكەرتىشىچە، بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى مەلۇم ئەمەسكەن. ساقچىلار بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن شۇنداقلا خاتا تۇتۇلغانلاردىن ئەپۇمۇ سوراپ قويمىغان.

ۋەقەدە تۇتقۇنغا ئۇچرىغان بىر كىشىنىڭ مەلۇم بىر تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى شىكايىتىدە، ساقچىلارنىڭ " ناھايىتى قوپاللىق بىلەن ھەممە كىشىنى بىر قاتاردا بىر تەرەپ قىلغان" لىقىنى، لېكىن جوڭسەن يولىدىكى يانفون ساتقۇچىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بىر تەرەپ قىلىنمايدىغانلىقىنى سورىغان. جوڭسەن يولىدىكى تېلېفون ساتقۇچىلار ئاساسەن ئىچكىرىلىك نىمكەش خىتايلار ئىدى.