ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەردە كۆچمەنلەر نوپۇسى %50 تىن ئېشىپ كەتكەن

ئۈرۈمچى خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە،نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى باشلانغۇچ ھەمدە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ھەم يېڭىدىن تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ %50 تىن كۆپرەكىنى كۆچمەن ئاققۇن خىتاي ئىشچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئىگىلەيدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.10.07
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۈرۈمچى مائارىپ ئىدارىسى، شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ھەمدە ئەمگەك ۋە جەمئىيەت پاراۋانلىق ئورگانلىرى بۇ ئاققۇنلار پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن " ئۈرۈمچىدىكى ئاققۇن ئىشچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى " نى ئېلان قىلغان. بۇ نىزام كېلەر يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2005 - يىلىدىن باشلاپ يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدە مەكتەپكە كىرىشكە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار سانى پەۋقۇلئاددە ئېشىپ كېتىۋاتقان بولۇپ، يىللاردىن بۇيان بەزى سىنىپلاردا ئوقۇغۇچىلار سانى 60 تىن ئېشىپ پارتا ‏ - ئورۇندۇق ۋە سىنىپ يېتىشمەسلىك كېلىپ چىققان.
مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ستاتىستىكا قىلىشىچە، مۇشۇ ئىككى يىلدىلا ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەردە ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ سانى 40 مىڭدىن ئاشقان.

نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەردە مەجبۇرىي مائارىپ قوبۇل قىلىۋاتقان ئاققۇن نوپۇسى ئۈرۈمچى شەھەر نوپۇسىدىنمۇ ھالقىپ كەتكەن. شۇ سەۋەبلىك ئەسلى يەرلىك نوپۇستىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشى تەسكە توختايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىققان.

ھالبۇكى ئۈرۈمچى دائىرىلىرى يولغا قويماقچى بولغان باشقۇرۇش نىزامىدا ئاققۇنلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىشىگە مەلۇم شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەكلىكى كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا قىيىنچىلىقى بار ئاققۇنلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىش،بارلىق ئوقۇش ھەققى ھەمدە قوشۇمچە ھەقلەرنى بىكار قىلىشقا ئوخشاش سىياسەتلەرنى يولغا قويماقچى ئىكەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.