ئىككى ئادەم ئۆلگەن، 14 ئادەم يارىلانغان. بۇلار دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. بۇ پارتلاشنىڭ سەۋەبى تېخىچە نامەلۇم.
ئۈرۈمچى خەۋەر تورىدا بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلار بار، ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، بۇ بىر ئاليۇمىن زاۋۇتى بولۇپ، بۇ قېتىمى دەھشەتلىك پارتلاش ئۇنىڭ پار قازان سېخىدا يۈز بەرگەن. سېخنىڭ ئۆگزىسى بۇزۇلغان، دېرىزىلىرى چېقىلغان. ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى پارتلىغان بولۇشى مۇمكىن.