خىتاي «خەلق» تورىدا خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ 2010 - يىلدىكى نوپۇسى 3 مىليون 100مىڭ بولۇپ، بۇلارنىڭ 850 مىڭىنى ئاقما نوپۇس تەشكىل قىلىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى 2009 - يىلدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ياقا يۇرتلۇق ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ ئىككى قېتىم «كۆچمە نوپۇسنى باشقۇرۇش» قا ئالاقىدار قانۇن لايىھىسى تۈزۈپ چىققان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىشلىرىنى ئىنتايىن قىيىنلاشتۇرغان ئىدى.
ھالبۇكى، خەۋەردە قانداق ئادەملەرنىڭ «ئاقما نوپۇس» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى ئۈرۈمچىگە باشقا شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ «ئاقما نوپۇس» دەپ قارىلىدىغان ياكى قارالمايدىغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن.
بۇ قېتىملىق تۈزۈم ئۆزگەرتىشنىڭ باشقا شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇش ئىشلىرىغا قانداق ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.