خىتاي ئۈرۈمچىدىكى باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىلىرىنىڭ ئامانلىقىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىلىرىنىڭ كىرىش - چىقىش ئېغىزىدا چەكلەنگەن رايون تەسىس قىلغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، دائىرىلەرنىڭ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىلىرىنىڭ كىرىش - چىقىش ئېغىزىغا مەخسۇس ساقچى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.05.07

ئۈرۈمچى شەھەر ج خ ئىدارىسى بۇيرۇقنامە چۈشۈرۈپ، مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش خاراكتېرلىك جىددىي ۋەقە يۈز بەرسە، ساقچى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ " دەرھال ھەم كەسكىن بىر تەرەپ قىلىشى"نى تەلەپ قىلغان.

لېكىن خەۋەرلەردە "دەرھال ھەم كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش" دېگەنلىكنىڭ مەنىسى چۈشەندۈرۈلمىگەن. خىتايدا يېقىندىن بېرى، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈش ياكى بالىلارنى زەخمىلەندۈرۈش ۋەقەلىرى ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن. 28 ‏- ئاپرىل كۈنى جياڭسۇدا بىر ئادەم بالىلار باغچىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، 28 بالىنى پىچاقلاپ زەخىملەندۈرگەن ئىدى. بۇ خىتاي دائىرىلىرىنى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىلىرىدا جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرى ئېلىشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى.

لېكىن، ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىلىرىدا يولغا قويۇلغان بىخەتەرلىك تەدبىرى، 5" ‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقى ياكى ئىچكىرىدە يۈز بەرگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.