ئۈرۈمچىدە ساقچىلار ۋە قوراللىق 'خەلق ئەسكەرلىرى' خەلققە ھەيۋە قىلماقتا

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 29 - ئىيۇل كۈنى خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغ ۋە سايباغ رايونلىرىدا يېڭىدىن 4 ساقچىخانا قۇرغانلىقىنى جاكارلاپ، بۇ ساقچىخانىلارغا ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش نامى ئاستىدا 500 نەپەر ساقچىنى تولۇقلاپ قوبۇل قىلغان.

بۇ ساقچىلار 3 كۈنلۈك تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشقاندىن كېيىن ھەر قايسى ساقچىخانىلاردا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان .

شىنخۇا خەۋەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 28 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھەربىي رايونى جەنۇبىي كۆل خەلق مەيدانىدا مىڭدىن ئارتۇق خەلق ئەسكىرى قاتناشقان چوڭ كۆلەملىك قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى جارۇللا ھېسامىدىن سۆز قىلىپ 5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن " ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەسكەرلەر كېچە - كۈندۈز بىرىنچى سەپتە جەڭ قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا زور تۆھپە قوشتى" دېگەن.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى گەرچە بۇ قېتىملىق ۋەقەنى چەتئەللەردىكى ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى، ئۈرۈمچى خەلقىنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ تېزلا ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بىر ياندىن ھەدەپ ئەسكىرى كۈچلەرنى كۈچلەندۈرمەكتە.