شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە كەلگۈسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىد

شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ ئامېرىكىدا ئېچىۋاتقان يىغىنى بۈگۈن ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى. يىغىندا 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇرلار، پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا دائىر مەسىلىلەرنى گۇرۇپپىلار بويىچە تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.05.04

ب ب س ئاگېنتلىقى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ۋاشىنگتوندا ئېچىۋاتقان يىغىنى ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، بۇ يىغىننىڭ شەكلى ۋە مەزمۇنلىرىنى خەلقئاراغا تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازى، گېرمانىيە ئاۋازى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بۇ يىغىن ھەققىدە، ئۇيغۇرلار ۋاشىنگتوندا خەلقئارالىق يىغىن ئېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىنى پىلانلاۋاتىدۇ، دېگەن ماۋزۇلاردا تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلدى.

باش ئورگىنى گاگادىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بۇ يىغىننى، ئامېرىكىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ يىغىنى ھازىر  ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە كەلگۈسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ، دەپ تەسۋىرلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.