شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە كەلگۈسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىد

شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ ئامېرىكىدا ئېچىۋاتقان يىغىنى بۈگۈن ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى. يىغىندا 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇرلار، پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا دائىر مەسىلىلەرنى گۇرۇپپىلار بويىچە تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىدى.

ب ب س ئاگېنتلىقى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ۋاشىنگتوندا ئېچىۋاتقان يىغىنى ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، بۇ يىغىننىڭ شەكلى ۋە مەزمۇنلىرىنى خەلقئاراغا تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازى، گېرمانىيە ئاۋازى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بۇ يىغىن ھەققىدە، ئۇيغۇرلار ۋاشىنگتوندا خەلقئارالىق يىغىن ئېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىنى پىلانلاۋاتىدۇ، دېگەن ماۋزۇلاردا تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلدى.

باش ئورگىنى گاگادىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بۇ يىغىننى، ئامېرىكىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ يىغىنى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە كەلگۈسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ، دەپ تەسۋىرلىدى.