ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمەت تەرەپتىن مەزكۇر بۇيرۇق كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بىر قانچە نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئەنقەرەدىكى تىجارەت مەركىزىنىڭ زالىدا ئۆز پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەن. گەرچە يىغىن رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن ئېچىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما شۇنىڭغا ئوخشاش شەكىلدە بىر يىغىن ئېچىلىپ، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ھەم جەمىيەت رەھبەرلىرى سۆز قىلغان. ۋەكىللەر ئارقىدىن يەنە تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلغان. تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيىلىرىدىن بىرى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى دۆلەت باغچەلى نامىدىن ئۇيغۇر ۋەكىللىرىگە تۈركىيە پارلامېنتىدا زىياپەت بېرىلگەن.
ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ بۈگۈنكى يىغىنىدا تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رۇخسارى دەمىرەل سۆز قىلغان. بۇلاردىن باشقا يەنە بىر قانچە سابىق پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئاممىۋى جەمىيەت رەھبەرلىرى ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سۆز قىلغان.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بۇ يىغىننى توختىتىپ قويۇشىغا سەۋەب بولغان ئامىل خىتاي تەرەپنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشى ئىكەن. لېكىن، بۇ ئىشتىن باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ خەۋىرى بارمۇ - يوقمۇ ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. تۈركىيە تەرەپنىڭ بۇ يىغىننى توسۇپ قويۇشى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا غۇلغۇلىلارغا سەۋەب بولدى. ئەمما، مەلۇم بولۇشىچە، يىغىن يەنىلا ئۆز پروگراممىلىرى بويىچە داۋاملىشىۋەردى.
