ئۇيغۇر بوكسچى مەمەت تۇرسۇن چوڭنىڭ كىملىك مەلۇماتىدىكى خاتالىق تۈزىتىلدى

2012-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر بوكسچى مەمەت تۇرسۇن چوڭنىڭ كىملىك مەلۇماتىدىكى خاتالىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشى بىلەن تۈزىتىلدى.

لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي تور بېتىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىن مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بارلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كىملىك مەلۇماتلىرى تونۇشتۇرۇلغان بېتىدە ئۇيغۇر بوكسچى مەمەت تۇرسۇن چوڭنىڭ تۇغۇلغان يېرى شىنجاڭ، سۆزلەيدىغان تىلى موڭغۇلچە دەپ يېزىلغان ئىدى.

مەزكۇر ئەھۋال فېيىسبۇك تورى ئارقىلىق ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ بىردەك دىققىتىنى قوزغىدى ۋە ئارىدىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي تور بېتىگە خەت يېزىپ، بۇ خاتالىقنى دەرھال تۈزىتىشىنى تەلەپ قىلدى. نەتىجىدە، بۈگۈن تور بەتتىكى خاتالىق تۈزىتىلىپ، مەمەت تۇرسۇن چوڭنىڭ سۆزلەيدىغان تىلى ئۇيغۇرچە قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. بۇ نەتىجە ئۇيغۇرلارنى مەمنۇن قىلدى.

بۇ سەۋەنلىكنىڭ قانداق بولۇپ يۈز بېرىپ قالغانلىقى ئېنىق ئەمەس ھەم بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان پىكىرلەر مەۋجۇت. بېزىلەر بۇنى خىتاي تەنتەربىيە دائىرىلىرى ئۇيغۇر دېگەن ئىسىمنىڭ چىقىپ قېلىشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، قەستەن مۇشۇنداق قىلغان دەپ قارىسا، يەنە بېزىلەر بۇنىڭ بىر ئۇقۇشماسلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.