خىتاي ئۇيغۇر رايونىنىڭ چېگرا مۇقىملىقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى

خىتاي ئۇيغۇر رايونىدىكى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىدىن چېگرا بىخەتەرلىكىگە قاتتىق كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

تەڭرىتاغ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى فۇچياڭ 21-فېۋرال كۈنىدىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتىنىڭ 11-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، چېگرا قىسىملىرىنى مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەجەللىك زەربە بېرىش ۋە تۈزەش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشقا، تېررور پائالىيەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشكە چاقىرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىر تەدبىرى سۈپىتىدە خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەش سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كۆپلەپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش شارائىتلىرىنى تارلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازلارغا ئىگە بولۇپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ رايوندىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ تۈپ يىلتىزى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

دەرۋەقە، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى فۇچياڭ يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە چېگرا قىسىملىرىدىن، چېگرا رايوندىكى كۆچمە نوپۇسنى تېخىمۇ ياخشى ئىجتىمائىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى، ئۇلارنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالاھىدە تەلەپ قىلغان.