خىتاي 5‏-ئىيۇل ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ باردى-كەلدىسىنى چەكلەشكە باشلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئېنىقلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈندىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىكى كوچا ئاپتوبۇسلىرىدا قاراۋۇللارنى كۆپەيتكەن.

باشقا شەھەرگە بارىدىغان ئۇيغۇرلارنى ساقچىنىڭ رۇخسىتىسىز ئاپتوبۇسقا چىقارماسلىق، مېھمانخانىلاردا تۇرغۇزماسلىق ۋە شەھەر رايونلىرىدا ئۇلارغا ئۆينى ئىجارىگە بەرمەسلىك ھەققىدە قاتتىق بەلگىلىمە جاكارلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىنى چەكلەشكە باشلىغان.

دىلشات رىشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ چەتئەلدە تۇغقانلىرى بار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارغا چەتئەللەردىكى تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە، دۆلەتنىڭ ئەيىبىنى ئاچماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشكە باشلىغان.

مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بولسا خىتايچە «بىرلا جۇڭگو» ناخشىسىنى ئېيتقۇزغان، تەتىل جەريانىدا جەمئىيەتتىكى ھەر قانداق ئىشقا ئارىلاشماسلىق ھەققىدە ۋەدىنامە يازدۇرغان.