ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق شىتانكا كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئەركىن ئىمىنوف دۇنيا چېمپىيونى بولدى

ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق "يېتىپ تۇرۇپ شىتانكا كۆتۈرۈش" چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە بىر ئۇيغۇر چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ ئالتۇن مېدال ئالدى.

فىلورىدا شىتاتىنىڭ ئورلاندو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئەركىن ئىمىنوف قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، ئۇ غۇلجىدا تۇغۇلغان ۋە كىچىكىدە ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئالماتانىڭ سۇلتان قورغان مەھەللىسىدە چوڭ بولغان.

بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن ئەركىن ئىمىنوف بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە 56 كىلولۇقلار بويىچە مۇسابىقىگە چۈشكەن. ئۇ 120 كىلو ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈپ، مۇشۇ دەرىجە بويىچە مۇسابىقىگە چۈشكەن 13 رەقىبىنى ئارقىدا قالدۇرغان. ئۇنىڭ ئامېرىكىلىق رەقىبى ئىككىنچى بولغان.

يېتىپ تۇرۇپ شىتانكا كۆتۈرۈش ئامېرىكىدا ئوتتۇرىغا چىققان بىر تەنھەرىكەت تۈرى بولۇپ، 1997 - يىلى قازاقىستانغا يېتىپ كەلگەن. ئىگىلىنىشىچە، ئەركىن ئىمىنوف شۇ يىلدىن تارتىپ بۇ تەنتەربىيە تۈرىنى مەشق قىلىپ 6 قېتىم قازاقىستان بويىچە چېمپىيون بولغان. ئۇ 2008 - يىلى خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىىگىمۇ قاتنىشىپ ئىككىنچى بولغان.

بۇ قېتىم ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىگە ئامېرىكا، ياۋرۇپا بىرلىكى دۆلەتلىرى، رۇسىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن 300 دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى قاتناشقان.

ئەركىن ئىمىنوف ھازىر قازاقىستان ساغلاملىق كۇلۇبىنىڭ تېرىنېرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.