ئۇيغۇر دارۋاز يەنە يېڭىلىق يارىتىشقا بەل باغلىدى

خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ جاڭجاجيې ئىسىملىك جايىدىكى تىئەنمېن تېغىغا تارتىلغان ئۇزۇنلۇقى 700 مېتىرلىق سىمدىن مېڭىپ ئۆتۈش ماھارىتىنى 18 - ئۆكتەبىر كۈنى ئاتاقلىق دارۋاز ئادىل ھوشۇرنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىرى ئابدۇسەمەت ھەسەن كۆرسەتتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە خەۋەر تارقاتقان بولۇپ، ئابدۇسەمەت ھەسەن ماڭغان تاغ جىلغىسىغا تارتىلغان پولات سىمنىڭ تىك يانتۇلۇق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، ناھايىتى خەتەرلىك ھېسابلىنىدىكەن.

ئابدۇسەمەت ھەسەن مۇنداق خەتەرلىك سىم ئۈستىدە 650 مېتىر ئەتراپىدا ماڭغاندىن كېيىن يانتۇلۇق دەرىجىسى يۇقىرى ۋە سىمنىڭ لىڭشىش دەرىجىسى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا قىينالغاندا ئۇنى كۆزىتىپ تۇرغان ئۇرۇغ - تۇغقانلىرىنىڭ قەتئىي تەلەپ قىلىشى بىلەن مېڭىشنى توختاتقان ئىكەن.

تېلېۋىزىيىدە نەق مەيدان كۆرسىتىشنى كۆرگەنلەرنىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئىنكاس قىلىشىچە، ياش دارۋاز ئۆزىنىڭ داۋاملىق ماڭىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، تۆۋەندىكىلەرنىڭ قايتا - قايتا تەلەپ قىلىشىغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولغان شۇنىڭدەك قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ياردىمى بىلەن خەتەردىن قۇتۇلۇپ، ساق - سالامەت يەرگە چۈشكەن.

24 ياشلىق ئابدۇسەمەت ھەسەن يەنىلا ئۇزۇنلۇق ۋە تىك - يانتۇلۇق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى سىمدا مېڭىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان تۇنجى ئادەم بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ 17 - ئۆكتەبىر كۈنى جاڭجاجيې شەھىرىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر مۈشكۈل ئۆتكەلدىن ئۆتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىكەن.