' بىڭتۇەن ' دېگەن ھەربىي تەشكىلات 30 يىلدىن بۇيان ئۆزىنى پەدەزلەپ شەكىل ئۆزگەرتمەكتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.12.03
2008.12.03
ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئەسلىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانىدىكى پارتىيە، مەمۇرى ۋە ھەربىيدىن ئىبارەت ئۈچتە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئالاھىدە تەشكىلات ئىدى.
30 يىلدىن بۇيان 2 مىليون 500 مىڭ نوپۇسى بار دەپ ئېيتىلىۋاتقان بۇ ھەربىي تەشكىلات ئىگەللىۋالغان زىمىنلاردا كاتتا شەھەرلەر بىنا قىلىنىپ بولدى. بىڭتۇەننىڭ تۇمشۇقتىكى بىر شەھىرىدىلا 140 مىڭ مولۇق مېۋىلىك باغ بار.
چەتئەللەرگە چىقىدىغان چېگرىدىكى 5 چوڭ قۇۋۇق ئۇنىڭغا تەۋە. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سۇ مەنبەلىرى ۋە كان بايلىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بىڭتۇەننىڭ كونتروللىقىدا. ئۇنىڭ زاۋۇتلىرىدا ئىشلەنگەن دورا مەھسۇلاتلىرى، خېمىيىۋىي ئوغۇتلار ۋە باشقىلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بازارلىرىنى پۈتۈنلەي ئىگەللەپ بولدى.
خەۋەردە تەسۋىرلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا قۇرۇپ چىققان بۇ 'ھەربىي ئاۋىئاماتكا' غا ھازىر 'بازار ئىگىلىكى' دېگەن تامغا بېسىلدى.









