ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇڭغار ئويمانلىقىدىن يەنە زور مىقداردا تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.12.15
2008.12.15
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، مەزكۇر گازلىقنى خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى جۇڭگو نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ھەسسىدارلىق شىركىتى قارمىقىدىكى شىنجاڭ نېفىت بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش شىركىتى بايقىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تەبىئىي گازلىق مەزكۇر شىركەت تۇنجى قېتىم بايقىغان 100 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گازلىق بولۇپ، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 50 يىل گاز ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىكەن.
سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جۇڭغار ئويمانلىقىدا جەمئىي 2.5 تىرىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى بار بولۇپ، نۆۋەتتە بۇنىڭدىن پەقەت 10 پىرسەنتىلا بايقالغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىقلارنىڭ كۆپىنچىسىنى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى جۇڭگو نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ھەسسىدارلىق شىركىتى كونترول قىلىدىغان بولۇپ، جۇڭغار نېفىتلىكى مەزكۇر شىركەت مەبلەغ سېلىپ ياساپ چىققان "غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسى" نىڭ مۇھىم گاز تەمىنلەش تۈگۈنلىرىدىن بىرى.
خىتاي تەبىئىي بايلىق ئۇچۇرلىرى تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلىدا شىنجاڭ نېفىت شىركىتى جۇڭغار نېفىتلىكىدىن 2 مىليارد 900 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارغان بولسا 2015 - يىلىغا بارغاندا يىللىق ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى 10 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكۈزمەكچى.
ھالبۇكى، مەزكۇر گازلىقتىن قېزىلىۋاتقان تەبىئىي گازلار "غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسى" بىلەن بىۋاسىتە خىتاي شەھەرلىرىگە توشۇپ كېتىلىدىغان بولۇپ، بۇ گازلاردىن كېلىدىغان ئىقتىسادى كىرىمدىن يەرلىك خەلققە قانچىلىك نەپ تېگىدىغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس.









