ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىكتىن يىغىۋېلىنغان باج كىرىمى ئاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىكتىن يىغىۋېلىنغان باج كىرىمى بۇلتۇرقىدىن 20 پرسەنت ئېشىپ، 22 مىليارد 56 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-02-25
Share

خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باج خىزمەتلىرى خەلقئارا ئىقتىسادى كرىزىس ۋە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئەكس تەسىرىگە ئۇچرىمىدى، دەپ بايان قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە، "بۇ يىللىق باج كىرىمىنىڭ مۇھىم تۈرلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان باشقۇرۇش، بولۇپمۇ كان بايلىقلىرى سانائىتى، كۆمۈر كان، تاۋار ئۆي ۋە قاتناش ترانسپورت ساھەلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان كۈچلۈك باشقۇرۇش ۋە باج قاچۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى نەتىجىسىدە ئاشۇرۇپ يىغىلغانلىقى" كۆرسىتىلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت