ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 60 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە

ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن تۇنجى يۇقۇملانغۇچى 13 يىل ئىلگىرى بايقالغان بولۇپ، مۇشۇ 13 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 60 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.


1 - دېكابىر 21 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنى بولۇپ، ئۇيغۇر ئىلى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 14 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلىرىدە تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 24مىڭ 818نەپەرگە يەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىدا تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە 2504 نەپىرىدە رەسىمى ئەيدىز كېسىلى شەكىللەنگەن، 1353 نەپىرى ئۆلگەن.

خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى 2006 - يىلى قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شۇ يىلى ئىيۇنغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 16مىڭ 35 نەپەر بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئىككى يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 8735 نەپەر كۆپەيگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 650 مىڭ نەپەر.

 ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 60 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 10 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org