ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك سۈت پاراشوكى بىلەن ئوزۇقلىنىۋاتقان 90 مىڭدىن ئارتۇق بوۋاق ئېنىقلاندى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېلان قىلغان ستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىرغا قەدەر 91 مىڭ 694 بوۋاقنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن زەھەرلىك بوۋاقلار سۈت پاراشوكلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىۋاتقان ئىكەن.

بۇلارنىڭ ئىچىدە 3394 نەپىرىدە تۈرلۈك كېسەللىك كۆرۈلگەن، 1100 نەپىرى بالنىستقا ئېلىنىپ، 849 نەپىرى داۋالىنىپ دوختۇردىن چىققان. ھازىر يەنە داۋالىنىۋاتقان 251 نەپەر بىمار بوۋاقنىڭ ئىچىدە ئىككىسىنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك ئىكەن.

ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدە ئۈچ بۇغا ماركىلىق بوۋاقلار سۈت پاراشوكى سەۋەبلىك بىر بالىنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم. ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايدا ئىشلەنگەن زەھەرلىك سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلەنگەن بوۋاقلارنىڭ 891 نەپىرى ئۈرۈمچىدە، قالغانلىرى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ھەم شەھەر، يېزىلاردا بايقالغان.

ھازىرغا قەدەر خىتايدا 22 شىركەتنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىدا مېلامىن ناملىق زەھەر بايقالدى، زەھەرلىك سۈت پاراشوكى خىتايدا يىگىرمىدىن كۆپ ئۆلكە ۋە شەھەرلەردە 53 مىڭدىن ئارتۇق بوۋاقنى بۆرىكىدە تاش پەيدا بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار قىلدى ۋە تۆت بوۋاقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولدى.