ئۇيغۇر ئېلى سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ 4 - نويابىر تارقاتقان خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پەسىلدە ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ جىددىي تارقىلىشى يەنە بىر يۇقۇرى باسقۇچقا كىرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قىزىل، چېچەك، قۇلاق يىرىڭلاش، يۇقۇملۇق زۇكام، جىددىي خاراكتېرلىق نەپەس يولى ياللۇغى قاتارلىق نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى قايتا تارقالماقتا ئىكەن.
بۇ يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ بولۇپمۇ بالىلار ھەم ياش ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا تارقىلىشى بىر قەدەر تېز كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، بەزى مەكتەپلەردە بۇ خىل كېسەللەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك تارالغانلىقى مەلۇم بولغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونتىرول قىلىش مەركىزى تارقىلىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان بۇ خىلدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ۋاكسىنا ئەملەش ھەققىدە جىددى ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغان.
بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە يەنى 3 - ئايغىچە قىزىل كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلار 13مىڭ 389 غا يېتىپ،27 ئادەم قازا قىلغان ئىدى. نۆۋەتتىكى قايتا يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات ئېلان قىلىنمىدى.
